UyghurMain Dictionary
ئەۋ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۆي، خانا:
گۈل نەۋرۇزنى كۆتەرىپ ئەۋگە ئېلىتكەنى.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۆي؛ ئوۋ، شىكار(<ئەب>،<ئاب> سۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى) ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەۋەدكى بۇزاغۇ ئۆكۈز بولماس - ئۆيدە باققان موزاي ئۆكۈز بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئىشىك، دېرىزە، تورۇسى بولغان، ئولتۇراق جاي ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر.
<ھۇجرا> سارايلاردىكى ئايرىم - ئايرىم ئۆي.
<كەپە>، <كۈلبە> لەر ئاددىي ئۆيلەر.
<قازناق> نەرسە - كېرەك قويىدىغان كىچىك <ئامبار>.
يالغۇز خىشتا ئۆي بولماس. ئوغرى ئون ئۆيگە چۈشمەي ئۆلمەس. قايسىبىر خانىدىن يول ئالسا تۇتۇن، ئىشىك - تاملىرىنى قارا قىلار پۈتۈن. خانىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ. ئىشخانا. بۇ بۆلمىدە كىم بولسا، شۇ ساھىبخان. ساراينىڭ ھۇجرىسى كۆپ، ياراملىقى يوق. كەپىدىمۇ ئۇلۇغ زات تۇغۇلىدۇ. دادام قازناقتا يوق. كۈلبىدىن كۈلكە چىقتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆي؛ چېدىر