UyghurMain Dictionary
ئەتتار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۇپا - ئەڭلىك، دورا - دەرمان ۋە تۈرلۈك خۇشبۇڭي نەرسىلەرنى ساتقۇچى؛ تەنزىكەش؛
مەنتىقۇتتەر نىڭ مۇئەللىپى - فەرىدىدىن ئەتتارنىڭ لەقىمى:
ئەھلى ئىرفان سالكى ئەتۋارى ئول،
مەئرىفەت بازارىنىڭ ئەتتارى ئول.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەتىر ساتقۇچى، ئەسلىك مايلار ساتقۇچى: ئەتتارخانە - ئەتىر زاۋۇدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئەتىر، ئۇپا - ئەڭلىك قاتارلىق خۇشبۇي زىننەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان كىشى؛ ئەتىرچى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەترە ساتقۇچى، ئەترىچى، خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ساتقۇچى