UyghurMain Dictionary
ئەتىگەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈن يۇرۇشقا باشلىغان چاغ.
ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى بار. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. ئەتىگەن تۇرغان ئەلدىن ئۇزار. ئەسلەيمەن سېنى يارىم، سۈبھى - شام ھەرقاچان. بامدات نامىزىغا ئەزان چىقتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈن يورۇغان بىردەملىك ۋاقىت.
كەچ، كەچقۇرۇن، زاۋال، گۇگۇم، شام، ئاخشام
كۈن پېتىش ئالدىدىكى بىردەملىك ۋاقىت.
ئەتىگەن ئوڭمىغان، كەچ ئوڭماس. كەچتىكى چايغا بارغۇچە، ئەتىگەندىكى سوقۇشقا بار. تاڭنىڭ ئېتىشى توخۇنىڭ چىللىشىدىن ئەمەس. تاڭ - شۇ كۈننىڭ ياشلىق ھۆسنى، كەچ - شۇ كۈننىڭ قېرىلىق چېغى. ھەر كۈننىڭ ئۆز تېڭى بار، ھەر تاڭنىڭ ئۆز غېمى. سەھەر تۇرغان قۇشنىڭ قۇرسىقى توق. سەھەر تۇرغان ئىتتىن قورق. يارىمنى سۈبھى - شام ياد ئېتىمەن. زاۋال بولدى، گۇگۇم چۈشتى، كۈندۈز تۈگىدى. ئاخشام كۆردۈم، بامدات ۋاقتىدا تۇر، سالامەت بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈچ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت؛ سەھەر.
ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق (ماقال).
بەلگىلەنگەن ۋاقىتقا نىسبەتەن بالدۇر؛ ۋاقىتى يېتىپ كەلمىگەن.
مەن ئەمدىن ئون سەككىز ياشقا كىردىم، توي قىلىشقا تېخى ئەتىگەن.