UyghurMain Dictionary
ئەتە
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۈگۈندىن كېيىن كېلىدىغان كۈن.
تۈنۈگۈن، ئاخشام
بۈگۈندىن ئىلگىرى ئۆتكەن كۈن.
ھېچكىم تۈنۈگۈننى چاقىرىپ كېلەلمەس. ئەتىگە - ئەتىنىڭ شامىلى چىقىدۇ. ئالدىرماڭ، ئاستا كېلەر، تېڭىرقىساڭ، تاڭلا كېلەر. تۈنۈگۈننى كارامەتكە ئەتە ھېچكىم تاڭ قالماس. تۈنۈگۈن ئۆتتى، ئەتىگە خۇدايىم بار. ئاخشام ئويلىغاننى ئەتە ئېيت. تۈنۈگۈنكىگە يېتەلمىسەڭ، ئەتىكىدىن ئۆتەلمەيسەن.
كەتتى مۇدھىش قىش كۈنى،
مەلۇم ئەمەستۇر ئەتىسى.
خۇش تۇتايلى ئۇشبۇ كۈننى،
ئەتەنى كىم بىلگۈسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھازىرقى ۋاقىتتىن كېيىن كېلىدىغان زامان، چاغ.
كېلەچكىنى ئويلىمىغان يامان كۈنگە قالار. ئادەمدە كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك. ئەتە كىم بار، كىم يوق. ھەر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئەرباب بىلەن ئويناشما، كېيىنلكىڭنى ئويلا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇگۈندىن كېيىنكى كۈن، كەلگۈسى كۈن.
ئەتە ئەتىنىڭ بورىنى چىقار. ئەتە سەن ئارىپىغا زار بولماي دېسەڭ، بۈگۈن تەر، ئېھتىمال، بۇغداي نان يېسەڭ. ئالدىرىماڭ ئاستا كېلەر، تېڭىرقىماڭ تاڭلار كېلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. بۈگۈندىن كېيىنكى بىر كۈن.
بۈگۈن ماڭا كەلدى، ئەتە ساڭا كېلەر (ماقال).
ئى. يېقىن ۋاقىت؛ يېقىن كەلگۈسى، كېلەچەك.
ئادا بولدى گۈل ئالدىدا شەرتىمىز، كېلەر ئەمدى قەنتتىن تاتلىق ئەتىمىز.