UyghurMain Dictionary
ئەستاغپۇرۇللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەت سۆزلىرى، دىنغا ئالاقىدار.
ئىشنىڭ بېشى بىسمىللا. ئىنشائاللا، شىپالىق بېرەر. سۈبھاناللا، ئۇنداقمۇ ئىش بولامدىغان. دۈشمىنىڭگە دەردىڭنى سۆزلىمە ئەسلا، خۇش بولۇپ دېمىسۇن «ئەلھەمدۇلىللا». ماشائاللا، ئىش ئوڭغا تارتتى. گېپىم يالغان بولسا، كالامۇللا ئۇرسۇن. ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا. زاھىت سۆزىدىن يۈز توۋا قىلدۇق، ئابىد ئىشىدىن ئەستاغپۇرۇللا. قازاغا رىزا، ئەلھۆكمىلىللا. ئىللا - بىللا، يالغان ئېيىتمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئەرەبچە
ئەجەبلىنىش، ھەيران قېلىش، تەئەججۈپلىنىش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەستاغپۇرۇللار، ئەستاغپۇرۇللا، نېمە بولۇپ كەتتى بۇ ئىش، بۇ جاھان.
غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئالغاندا بىسمىللا، بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا (ماقال).
ئۇ: - ئەستاغپۇرۇللا، بۇ بەڭۋاش نەگە كەتكەندۇ؟ - دەپ بالىسىنى تىللىدى.
ئەپسۇسلىنىش، پۇشايماننى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ ئۆيىگە بېرىپ چېيىنى ئىچە - ئىچمەيلا، - ئەستاغپۇرۇللا! ھېلىقى ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ، - دەپ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.