UyghurMain Dictionary
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرۈشكەندە دېيىلىدىغان تەكەللۇپ سۆزلەر.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېسە، «بەش تەڭگە بەر» دەپتۇ. ئەسسالام، _ دەپ ئېڭىشىپ سالام بەردى قىز ئاتىسىغا. بازاردا سالام يوق، نامازدا تەكلىپ. سالامغا ئىلىك _ سۈننەت. _ ياخشىمۇسىز؟ _ دېدى يىگىت قىزغا قول ئۇزىتىپ. تىنچلىقمۇ، ئوندان تۇرۇۋاتاملا دەپ تىنچ - ئامانلىق سورىشىپ كەتتى ئۇلار. تازىكەنلا، _ دېدى تۇرپانلىق دوستۇم كۆرگەن ھامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەرنىڭ بىر - بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا تىنچلىق ئامانلىق.
<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!> دېسە، <بەس تەڭگەمنى بەر>، دەپتۇ (ماقال).
كۆچمە. قانداق، مەن دېگەندەك بولدىمۇ؟ … غا ئوخشاش قارشى تەرەپنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۆز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇنىماي كېتىۋېدىڭىز، قايتىپ كەلپسىزغۇ؟