UyghurMain Dictionary
ئەسىرلەرنى خورلاش جىنايىتى
Domain: جىنايەت ۋە جازابۇ ھەربىيلەرنىڭ ئەسىرلەرنى خورلاش ئەھۋالى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش مەنپەئىتى ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ھەم ئارمىيىنىڭ ئەسىرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئەسىرلەرنى تەن ۋە روھىي جەھەتتىن ئازابلاپ، قىيناپ ھەم تۇرمۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىك بولمىغان مۇئامىلىدە خورلاش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئارمىيىمىزنىڭ ئەسىرلەرنى باشقۇرۇش خادىملىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
448 - ماددا ئەسىرلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.