UyghurMain Dictionary
ئەشئەتەل لەمەئات
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ مەنىسى <نۇر ئىچىدىكى نۇر> دېگەنلىك بولىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەسىرى بولۇپ، <رەۋزەتۇل> ھەققىدىك تەپسىر كىتابىدۇر. بۇ كىتابنى نۇرىددىن ئابدۇرەھمان بىننى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد جامى يازغان. بۇ زات تۆمۈرىيە خاندانلىقىنىڭ سۇلتانى ھۈسەين بايقارا (1469 - يىلىدىن 1506 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ۋەىزى ئەلشىر نەۋائىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 1481 - يىلى پارس تىلىدا يېزىپ تاماملىغان. كىتاب كىرىش سۆزىدىن باشقا، 28 بابقا بۆلۈنگەن. مۇئەللىپنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلەر <رەۋزەتۇل> دا شەرھلەنگەن تەسەۋۋۇپچىلىق قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى قوللانغانلىقتىن، تەپسىر قىلىش ۋە ئىزاھات بېرىش زۆرۈر، دەپ قارىغان. نۇرىددىن ئابدۇرەھمان بىننى ئەھمەد بىننى مۇھەممەد جامى تەسەۋۋۇپچى باشقا ئۆلىمالارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، <رەۋزەتۇل> دە مۇھاكىمە قىلىنغان تەسەۋۋۇپچىلار پەلسەپىسىنى سوئال - جاۋاب شەكلىدە ئىزاھلاپ، ئاخىرى ئەرەبچە - پارسچە ئارىلاش يېزىلىدىغان شېئىر ژانىرى - <مۇلەممە> بىلەن يەكۈنلىگەن.