UyghurMain Dictionary
ئەشۈتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياپتۇردى.
ئول ماڭا يوغۇرقان ئەشۈتتى _ ئۇ ماڭا يوتقان ياپتۇردى. بىر كىمنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە يېپىشنى بۇيرۇشقىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ ( ئەشۈتۈر _ ئەشۈتمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
{ئىزۇ بېرىپ بوشۇتتۇم
تاۋار يۇلۇغ تاشۇتتۇم
ئەرەن ئەسسىن ئەشۈتتۈم
يۈكۈن بارچا ئۆزى چىغدى
{ئەركلىك بېرىپ بوشاتتىم،
تۆلەم مالنى توشۇتتۇم،
ئەر گۇناھىنى ياپتۇردۇم،
يۈكىنى پۈتۈنلەي ئۆزى چىگدى.}
قولغا چۈشكەن بىر ئەسىر توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: «ئۆز جېنىڭنى قۇتقۇزۇشقا تۆلەملىك مال كەلتۈر» دەپئۇنى بوشاتتىم، كەلتۈرگەن مېلىنى ئۆزىگە توشۇتتۇم ۋە ئۇنى ئۆز گۇناھىنى ئۆزى يۇيۇشقا بۇيرۇدۇم، ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭىمۇ يار - يۆلەكسىز قېلىپ، ئۆز يۈكىنى ئۆزى تاڭدى.
1 - 282