UyghurMain Dictionary
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى
قانۇنلار
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانى
359 - نومۇرلۇق
<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى> نى ئېلان قىلدىم، 2002 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
زۇڭلى جۇرۇڭجى
2002 - يىلى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
1 - ماددا بۇ نىزام <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى> (تۆۋەندە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى دېيىلىدۇ) غا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئەسەر ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى ئىجادىي بولغان ھەم مەلۇم شەكىل ئارقىلىق كۆپەيتكىلى بولىدىغان ئەقلىي مۇۋەپپىقىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئىجادىيەت ئەدەبىيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن ئەسەرلىرىنى بىۋاستە بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەقلىي پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن ئىشلەنگەن تەشكىلاتچىلىق خىزمىتى، بېرىلگەن مەسلىھەت پىكىر، يارىتىپ بېرىلگەن ماددىي شارائىت ياكى ئىشلەنگەن باشقا قوشۇمچە خىزمەتلەر ئىجادىيەت ھېسابلانمايدۇ.
4 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەنىسى:
(1) يازما ئەسەر رومان، شېئىر، نەسىر، ئىلمىي ماقالە قاتارلىق يازما ئىپادىلەنگەن ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(2) ئاغزاكى ئەسەر تەييارلىقسىز سۆزلەنگەن نوتۇق، ئۆتۈلگەن دەرس ۋە سوتتىكى مۇنازىرە قاتارلىق ئاغزاكى ئىپادىلەنگەن ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) مۇزىكا ئەسىرى ناخشا - مۇزىكا، سىمفونىيە قاتارلىق ئېيتقىلى ياكى ئورۇندىغىلى بولىدىغان، تېكىستلىك ياكى تېكىستسىز ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(4) تىياتىر ئەسىرى دراما، ئوپېرا، يەرلىك تىياتىر قاتارلىق سەھنىدە ئورۇندىلىدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(5) ئەلنەغمە ئەسىرى كۈلدۈرگە ئېيتىش، مەدداھلىق قىلىش، باس بارابان چېلىش، رىۋايەت سۆزلەش قاتارلىق سۆزلەش - ئېيتىش ئاساسىي شەكىل قىلىنىپ ئورۇندىلىدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(6) ئۇسسۇل ئەسىرى ئۇلىنىپ كەتكەن ھەرىكەت، قىياپەت، ھېسيات قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىدىيىۋى ھېسيات ئىپادىلىنىدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(7) سېرك سەنئىتى ئەسىرى سېرك، سېھرىگەرلىك، ھايۋانات ئويۇنى قاتارلىق بەدەن ھەرىكىتى ۋە ماھارىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(8) گۈزەل سەنئەت ئەسىرى رەسىم، ھۆسنىخەت، ھەيكەل قاتارلىق فىگۇرا، رەڭ ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن، ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەكشى يۈزلۈك ياكى سىتېرېئولۇق شەكىللىك بەدىئىي ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(9) بىناكارلىق ئەسىرى بىنا ياكى قۇرۇلما شەكىلدە ئىپادىلىنىدىغان، ئېستېتىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(10) فوتو سۈرەت ئەسىرى ماشىنا - ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ نۇرغا سېزىمچان ماتېرىياللاردا ياكى باشقا ۋاستىلەردە ئوبيېكتىپ جىسىملارنىڭ ئوبرازىنى خاتىرىلىگىلى بولىدىغان بەدىئىي ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(11) كىنو ئەسىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا يارىتىلغان ئەسەرلەر مەلۇم ۋاستىگە تارتىلغان، ئاۋازلىق ياكى ئاۋازسىز بىر قاتار سۈرەتلەردىن شەكىللەنگەن ھەمدە مۇۋاپىق قۇرۇلما ئارقىلىق قويغىلى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقاتقىلى بولىدىغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(12) خەرىتە شەكىللىك ئەسەر قۇرۇلۇش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن قۇرۇلۇش چېرتيوژى، مەھسۇلات چېرتيوژى، شۇنىڭدەك جۇغراپىيىلىك ھادىسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان، شەيئىلەرنىڭ قائىدىسى ياكى قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرىدىغان خەرىتە، سخېما قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ؛
(13) مودېل ئەسىرى كۆرگەزمە، سىناق قىلىش ياكى كۆزىتىش مەقسىتىدە، جىسىملارنىڭ شەكلى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، مەلۇم نىسبەتتە ئىشلەنگەن ستېرېئولۇق ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.
5 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋىرى گېزىت، ژۇرنال، رادىئو ئىستانسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق خەۋەر قىلىنىدىغان نوقۇل ئېقىم مەسىلىلىرى خەۋىرىنى كۆرسىتىدۇ؛
(2) ئۈنئالغۇ ھاسىلاتى ئورۇندالغان نومۇرلارنىڭ ئاۋازى ياكى باشقا ئاۋازلار ئېلىنغان ھەر قانداق ئۈنئالغۇ ھاسىلاتىنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) سىنئالغۇ ھاسىلاتى كىنو ئەسىرى ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا يارىتىلغان ئەسەرلەردىن باشقا ئاۋازلىق ياكى ئاۋازسىز بولغان، ئالاقىدار ئوبراز، سۈرەتلەر ئۇلىنىپ كەتكەن ھەر قانداق سىنئالغۇ ھاسىلاتىنى كۆرسىتىدۇ؛
(4) ئۈنئالغۇ ھاسىلاتى ئىشلىگۈچى ئۈنئالغۇ ھاسىلاتىنى تۇنجى ئىشلىگۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛
(5) سىنئالغۇ ھاسىلاتى ئىشلىگۈچى سىنئالغۇ ھاسىلاتىنى تۇنجى ئىشلىگۈچىنى كۆرسىتىدۇ؛
(6) ئورۇندىغۇچى ئارتىس، ئويۇن قويغۇچى ئورۇن ياكى ئەدەبىيات، سەنئەت ئەسىرىنى ئورۇندىغۇچى باشقا كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
6 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئەسەر يارىتىلىپ بولغان كۈندىن باشلاپ بارلىققا كېلىدۇ.
7 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 2 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئەسىرى تۇنجى قېتىم جۇڭگو تەۋەسىدە نەشر قىلىنغان چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسىرىنىڭ ھوقۇقى تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ قوغدىلىدۇ.
8 - ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭگو تەۋەسىنىڭ سىرتىدا ئالدى بىلەن نەشر قىلىنغاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە جۇڭگو تەۋەسىدە نەشر قىلىنغان بولسا، بۇ ئەسەر جۇڭگو تەۋەسىدىمۇ نەشر قىلىنغان ھېسابلىنىدۇ.
9 - ماددا ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەرلەردىن ئايرىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن ھەمكارلاشقان ئاپتورلار ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ ۋە بۇ ھوقۇقنى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كەلگەندە يۈرگۈزىدۇ؛ كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كېلەلمىگەندە يوللۇق ئاساسىمۇ كۆرسىتەلمىگەندە، ھەر قانداق تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن باشقا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، لېكىن تاپاۋەت ھەمكارلاشقۇچى بارلىق ئاپتورلارغا مۇۋاپىق تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك.
10 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئەسىرىنى باشقا كىشىلەرنىڭ كىنو ئەسىرى قىلىپ ئىشلىشىگە ۋە كىنو ئىشلىگەندەك ئۇسۇلدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەر قىلىپ ئىشلىشىگە ئىجازەت بەرگەنلىكى ئۆز ئەسىرىگە زۆرۈر تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قوشۇلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇنداق تۈزىتىشتە ئەسلى ئەسەرنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكەيول قويۇلمايدۇ.
11 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرگە ئائىت بەلگىلىمىدىكى <خىزمەت ۋەزىپىسى> پۇقرالارنىڭ شۇ قانۇنىي ئىگىسىدە ياكى شۇ تەشكىلاتتا ئادا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەرگە ئائىت بەلگىلىمىدىكى <ماددىي، تېخنىكا شارائىتى> شۇ قانۇنىي ئىگە ياكى شۇ تەشكىلات پۇقرالارنى ئىجادىيىتىنى تاماملىشى ئۈچۈن مەخسۇس تەمىن ئەتكەن مەبلەغ، ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىيالنى كۆرسىتىدۇ.
12 - ماددا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى ئەسەر تاماملىنىپ ئىككى يىل ئىچىدە، ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئاپتورنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن ئەسەرنى 3 - كىشى ئورۇن ئىشلەتكەنگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلىتىپ ئېرىشكەن ھەقنى ئاپتور بىلەن ئورۇن پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە تەقسىم قىلىدۇ.
ئەسەر تاماملانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىللىق مۆھلەت ئاپتور ئەسەرنى ئورۇنغا تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
13 - ماددا ئاپتونىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەسەرلەردە، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئىگىدارى ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىش ھوقۇقىدىن باشقا ئەسەر ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئەسەر ھوقۇقىنى ئاپتور ياكى ئۇنىڭ ۋارىسى يۈرگۈزىدۇ.
14 - ماددا ھەمكارلاشقان ئاپتورلاردىن ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىجاد قىلغان ئەسەردە بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق (5) - (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىدىن ۋارىسلىق قىلغۇچى، ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچىمۇ چىقمىغانلىرىدىن باشقا ھەمكارلاشقۇچىلار بەھرىمەن بولىدۇ.
15 - ماددا ئۆلۈپ كەتكەن ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقلىرىدىن ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئاپتورنىڭ ۋارىسى ياكى ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچى قوغدايدۇ.
ئەسەر ھوقۇقىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى چىقمىسا، ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچىمۇ چىقمىسا، ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىش ھوقۇقى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە ئەسەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قوغدايدۇ.
16 - ماددا دۆلەت ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەرنى ئىشلىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى باشقۇرىدۇ.
17 - ماددا ئاپتور ھايات ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغان ئەسىرىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىگەن بولسا، ئاپتور ئۆلۈپ 50 يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ۋارىسى ياكى ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچى يۈرگۈزسە بولىدۇ؛ ۋارىسى، ھەدىيىنى قوبۇل قىلغۇچىمۇ چىقمىسا، ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئىگىدارى يۈرگۈزىدۇ.
18 - ماددا ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 10 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق (5) - (17) تارماقچىلىرىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى قوغداش مۆھلىتى ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئاپتورنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 21 ـ ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
19 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك؛ لېكىن ئالاقىدار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى ياكى ئەسەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە بولغانلىقتىن ئېنىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
20 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدا ئېيتىلغان ئېلان قىلىنغان ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئۆزى ياكى ئۇ ئىجازەت بەرگۈچى جامائەتكە ئېلان قىلغان ئەسەرنى كۆرسىتىدۇ.
21 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، ئاپتورنىڭ ئىجازىتى ئېلىنمىسىمۇ بولىدىغان ئېلان قىلىنغان ئەسەرنى ئىشلىتىشتە، شۇ ئەسەرنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىگە نامۇۋاپىق زىيان يەتكۈزۈشكىمۇ يول قويۇلمايدۇ.
22 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 23 - ماددىسى، 32 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقى، 39 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىشلىتىلگەن ئەسەرگە بېرىلىدىغان ھەق ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
23 - ماددا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشتە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى تۈزۈش كېرەك، ئىشلىتىش ئىجازەت ھوقۇقى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى بولسا، يازما شەكىلنى قوللىنىش كېرەك، لېكىن گېزىت، ژۇرناللار ئېلان قىلغان ئەسەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا.
24 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 24 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى توختامدا پۈتۈشۈلىدۇ، توختامدا پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، ئىجازەت ئالغۇچى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق كىشىنى ئەسەرنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلەتكۈزمەسلىككە ھوقۇقلۇق دەپ قارىلىدۇ؛ توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىجازەت ئالغۇچى 3 - كىشىنىڭ شۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشىگە ئىجازەت بېرىشتە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى شەرت.
25 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى بىلەن مەخسۇس ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى، ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى تۈزگۈچىلەر ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
26 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئەسەر ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھوقۇق - مەنپەئەت نەشر قىلغۇچىنىڭ ئۆزى نەشر قىلغان كىتاب ۋە ژۇرنالنىڭ بەت لايىھىسىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى، ئورۇندىغۇچىنىڭ ئۆزى ئورۇندىغان نومۇردا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى، ئۈنئالغۇ - سىنئالغۇ ھاسىلاتى ئىشلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئىشلىگەن ئۈنئالغۇ - سىنئالغۇ ھاسىلاتىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى، رادىئو ئىستانسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئۆزى ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەن رادىئو، تېلېۋىزىيە نومۇرىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
27 - ماددا نەشر قىلغۇچى، ئورۇندىغۇچى، ئۈنئالغۇ - سىنئالغۇ ھاسىلاتى ئىشلىگۈچى، رادىئو ئىستانسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئىشلىتىلگەن ئەسەر ۋە ئەسلى ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشتە يول قويۇلمايدۇ.
28 - ماددا كىتاب نەشر قىلىش توختامىدا كىتاب نەشر قىلغۇچىنىڭ مەخسۇس نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى پۈتۈشۈلگەن بولسىمۇ، كونكرېت مەزمۇنى ئېنىق بولمىغان بولسا، كىتاب نەشر قىلغۇچى كىتابنى توختام كۈچكە ئىگە مۆھلەتتە ۋە توختامدا پۈتۈشكەن رايون دائىرىسىدە ئوخشاش يېزىقتىكى ئەسلى نەشرى، تۈزىتىلگەن نەشرىدە نەشر قىلىش مەخسۇس ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
29 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ كىتاب نەشر قىلغۇچىغا ئەۋەتكەن ئىككى نۇسخا زاكاز تالونىغا 6 ئايغىچە جاۋاب كەلمەسلىكى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 31 - ماددىسىدا ئېيتىلغان كىتاب ئۆكسۈپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
30 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىدىن ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 32 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ بېسىشقا، قىسقارتىشقا بولمايدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلىدىغانلىرى شۇ ئەسەر گېزىت، ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان چاغدا قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.
31 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىدىن ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى 39 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆز ئەسىرىنى ئۈنئالغۇ ھاسىلاتى قىلىپ ئىشلەشكە بولمايدۇ، دەپ بايانات ئېلان قىلىدىغانلىرى شۇ ئەسەر ئۈنئالغۇ ھاسىلاتى قىلىپ قانۇنلۇق ئىشلەنگەن چاغدا بايانات ئېلان قىلىشى كېرەك.
32 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 23 - ماددىسى، 32 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقى، 39 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئىشلىتىشتە، شۇ ئەسەرنى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىگە ھەق بېرىش كېرەك.
33 - ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئورۇندىغان نومۇرلىرىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ئۆزى ئورۇندىغان نومۇردا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
33 - ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئورۇندىغان نومۇرلىرىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ئۆزى ئورۇندىغان نومۇردا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
34 - ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدە ئىشلىگەن، تارقاتقان ئۈنئالغۇ ھاسىلاتىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ئىشلىگەن، تارقاتقان ئۈنئالغۇ ھاسىلاتىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
35 - ماددا چەت ئەل رادىئو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ جۇڭگو قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەن رادىئو، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقنى ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى قوغدايدۇ.
36 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 47 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنى ھېسابلاش قىيىن بولغانلارغا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
37 - ماددا ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ 47 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىرى زور بولغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىسا بولىدۇ.
38 - ماددا بۇ نىزام 2002 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 9119 - يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، 1991 - يىلى 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئېلان قىلغان <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى> بىكار قىلىنىدۇ.