UyghurMain Dictionary
ئەرزىمەس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچ ئىشقا، ئىستېمالغا يارىمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان.
يارىماس گەپنى تىلىڭدىن كۆرمە، دىلىڭدىن كۆر. ياخشى بولغىن، ھەتتا دۈشمىنىڭ ئاسان سېنى دېيەلمىسۇن، يارىماس - يامان. سۆزۈڭدەك بولمىسا، ئۆز ھەرىكىتىڭ، بولمىغۇر لاپتۇر ھەممە نەسىھىتىڭ. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، قاپ - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ئەرزىمەستە ئارمان يوق. ھاراق ئىچىش باش ئاغرىتىشقا ئەرزىمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاساسلىق ئەمەس، ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىغان.
مۇھىم، زۆرۈر
ئاساسلىق، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان.
ئالدىمىزدا ناھايىتى مۇھىم ئىشلار تۇرۇپتۇ، تىرىشىپ ئۆگىنەيلى. زۆرۈر تېپىلغاندا جاندىن كېچىشكىمۇ توغرا كېلىدۇ. ئەرزىمەس ئىشلارغا جاپا بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئانچىكى ئىش - قانچىكى ئىش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرزىگۈچىلىكى يوق، ئەرزىمەيدىغان.
مەردان ئادەتتىكى ئەرزىمەس ۋەقەلەرنىمۇ كىشى قىزىققۇدەك قىلىپ سۆزلەشكە ئۇستا ئىدى