Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەرنىڭ ئىنىسىغا ياتلىق بولۇش
Domain: دۇنيا تارىخى妻兄弟婚
qī xiōng dì hūn
ئەر تەرەپكە ياتلىق قىلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توپ نىكاھنىڭ بىر خىل قالدۇق شەكلى. يەنى ئايال ئېرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسىغا ياتلىق بولۇش ئادىتى. تارىختا خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە پاترىئارخاللىق تۈزۈمى تىكلەنگەندىن كېيىن، ئايالنى ئەرنىڭ ئائىلىسىنىڭ مال - مۈلكى دەپ قاريدىغان قاراش خېلى كەڭ تارقالغان. شۇڭا تۇل خوتۇننىڭ ئەر ئائىلىسىدە قېلىپ ئەر تەرەپكە ياتلىق قىلىنىشى، ئېنىق ھالدا ئائىلە مال - مۈلكىنى قوغداش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىدى.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.