UyghurMain Dictionary
ئەرىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئورمان، توقاي، جاڭگاللىق؛ يىرتقۇچلار، ھايۋانلار؛ يىرتقۇچ ھايۋان ياشايدىغان توقاي، قاڭگال.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كالپۇك، لەۋ: ئەر دىسە، ئەر نىتى چىشلەپتۇ _ باتۇر دەپ ماختاپ قويسا، قۇشقۇنىغا ئولتۇرۇپتۇ (ماقال). مەسىلەن:
ئەرىنلىرىنىڭ تاتلىقلىقى تىلنى يارادۇ،
كىرپىكلىرى جىلۋە قىلىپ جاننى ئالادۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كالپۇك، لەۋ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. كالپۇك. لەۋ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئانات> ئادەم ياكى ھايۋان ئورگانىزمنىڭ مۇئەييەن ياكى مەلۇم بىر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسمى.
باش ئەزا. سەزگۈ ئەزالىرى. ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى.
كىشىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى؛ جىسمى، تېنى.
كۆزلىرىم ئۇ قىزنىڭ ئۆتكۈز كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا نېمە ئۈچۈندۇر پۈتۈن ئەزايىم تىكەنلىشىپ، تىترەك ئولىشىپ كەتتى.
بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇھ، كوللېكتىپ ياكى جەمئىيەتكە مەنسۇپ بولغان ھەربىر كىشى، شەخس.
پارتىيە ئەزاسى. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى.
<مات> تەڭلىمىدە تەڭلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى ياكى تەڭلىمىگە قاتناشقۇچى ھەربىر بۆلەك.
ئەزا يۆتكىمەك، ئەزالارنى ئىخچاملىماق.