Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەركىن تۇپراق پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
自由土壤党
zì yóu tǔ rǎng dǎng
ئامېرىكىدىكى ئۇششاق بۇرژئازىيە رادىكال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خويگ پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ۋە لىبېرالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار غەربىي قىسمىدا، يەنى ئامېرىكا - مېسىكا ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن رايونلاردا قۇللۇق تۈزۈمنى تۈپتىن يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلغان، بۇ كىشىلەر ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىدىكىلەر دەپ ئاتالغان. 1848-يىلى 8-ئايدا بۇففالو شەھىرىدە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭغا ئىشچىلار، دېھقانلار، سانائەت كاپىتالىستلىرى قاتناشقان. قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان رايونلارغا كېڭىيىشىنى چەكلەشنى؛ ئومۇم مۈلۈكچىلىكىدىكى بارلىق يەرلەرنى ھەقىقىي كۆچمەنلەرگە ھەقسىز تەقسىم قىلىپ بېرىشنى؛ يەرنى كاپىتالىستلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ ئېلىپ - سېتىشىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان. <يەر ئەركىنلىكى، سۆز ئەركىنلىكى، ئەمگەك ئەركىنلىكى، ھەممە كىشىنىڭ ئەركىنلىكى> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشى قۇلدارلارغا قارشى سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشىگە باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، 1854-يىلى جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنى قۇرۇشنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان.