UyghurMain Dictionary
ئەركىلىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئەتەي ناز قىلماق.
بالا ئەركىلىسە، ئەركىلەتمە. تايتاڭلىغان تار يولدا قالار. نايناقلىغاننىڭ كۆزى كۆرمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل خۇلق چىقىرىپ، ئۆزىنى كۆرسەتمەك.
نازلانغان قىز ئەرسىز قالىدۇ. مايمۇن قانچە سەت بولسا، شۇنچە جىلۋىلىنىدۇ. نېزىقىغان نېرى تۇرسۇن. ئەركىلىگەن ئىتنى ئۇرۇش يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ياخشى كۆرۈش، يېقىنچىلىق، سۆيۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان قىلىقلارنى قىلماق، ئەركىلىك قىلماق.
داداڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان بولسىمۇ، يۇرتىمىز ئامان قالغانىدى، سەن ئەركىلەپ ئويناپ چوڭ بولدۇڭ.