UyghurMain Dictionary
ئەركە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خالىغانچە ئىش - ھەرىكەت قىلىدىغان، بىباش.
«غىلجىڭ» ئىلى شېۋىسدە قوللىنىلىدۇ.
ئەركە ئەر تاللىماس. ئەركىدىن يىغلاڭغۇ تۇغۇلار. قوينى سەركە باشلايدۇ، ئويۇننى ئەركە. باينىڭ بالىسىمۇ ئەركە، كالىسىمۇ ئەركە. ئاتىلىق بالا تايتاڭ، ئانىلىق بالا نايناق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەتىۋارلاپ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىلگەن، ئارزۇلاپ ئۆگىتىپ قويغان، ئارزۇلۇق.
باينىڭ بالىسىمۇ ئەركە، كالىسىمۇ ئەركە (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئىشنى نەتىجىلىك قىلىش كۈچى؛ ئەركە چوڭ قىلغان بالا.