UyghurMain Dictionary
ئەركان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: رۇكن. تۈۋرۈكلەر، تايانچلار.
تەركىبىي قىسىملار، ئاساسلار.
بۇرجەكلەر.
رۇكىنلار. ئارۇزدا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<رۇكن> نىڭ كۆپلۈكى: ئەركان ھەرب - سەنمۇبۇ، سىلىڭبۇ؛ ئەركان دۆلەت - ھۆكۈمەت باشلىقلىرى؛ ئەركان ئىسلام - دىن رۇكنىلىرى: ئىمان، ناماز، روزا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىسى، كاتتا ئەمەلدار، مەنسەپدار، ئەرباب.
شەھەر تەرەپتىن بىر توپ ئوردا ئەركانلىرى ئاتلارغا مىنىپ ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كەلدى.
دىنىي قائىدە - مىزان، تەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، ئەڭ ئاساسلىق تەرىپى.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى پەرىشتە، خىزىر قىلىپ كۆرسىتىپ، ئالدامچىلىق قىلسا، بۇ ھۆكۈمەت سىياسىتىگىمۇ، دىنىمىزنىڭ ئەركانلىرىغىمۇ توغرا ئەمەس.