UyghurMain Dictionary
ئەرەب ئىمپېرىيىسى
تارىختىكى ئىمپېرىيلەر
ئەرەب ئىمپېرىيىسى يەنە سالاسىن ئىمپېرىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان تارىخنامىلىرىدە «ئەرەب» دەپ ئاتىلاتتى. ئادەتتە بۇ ئىمپېرىيە مىلادىيە7 ~13 - ئەسىرلەرگىچە ئەرەبلەر قۇرغان ئىسلام دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرا دېڭىز بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدا غايەت زور بىر يېرىم ئارال، يەنى ئەرەب يېرىم ئارىلى بار. قەدىمدىن بۇيان يېرىم ئارالدا سام تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت ياشىغان بولۇپ، ئۇلار تارىختا ئەرەبلەر دەپ ئاتالغان. ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىمپېرىيىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئۆزىنى ئاللانىڭ ئەلچىسى، «پەيغەمبەر» دەپ ئاتىغان. ئۇ، ئۇزاق يىل ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئاخىر622 - يىلى مەدىنىدە ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن دۆلەت قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىسلام دىنىنى تارقاتقان.632 - يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا، ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاساسەن بىرلىككە كەلگەنىدى.
مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسى «خەلىپە» دەپ ئاتالغان. بۇ «ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ۋارىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ «ئاللاغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار» دېگەن مەنىدە. خەلىپە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي داھىيىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەرەب دۆلىتىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبىرى ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە، خەلىپە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلەتتى. ئۇمەييە جەمەتىدىكى مۇئاۋىيە خەلىپە بولغاندىن تارتىپ خەلىپىنى سايلاش تۈزۈمى خەلىپىلىككە ۋارىسلىق قىلىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىلدى ھەمدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلىنىپ (661 ~750 - يىللار)، سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرى پايتەخت قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ مەزگىلدە ئەرەب دۆلىتى »غازات« تۇغىنى كۆتۈرۈپ شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك قىلدى، زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەريا ۋادىسى ۋە جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي چېگرىسىغىچە كېڭەيدى، غەربتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنى ئىگىلەپ، جەبىلتارىق بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيىگە بېسىپ كىردى.8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەرەبلەر ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقا ئۈچ قىتئەدىن ھالقىغان، چېگرىسى شەرقتە ھىندىستان ۋە جۇڭگو چېگرىسىغا، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيگەن چوڭ ئىمپېرىيە قۇردى. ئىمپېرىيىنىڭ تېررىتورىيىسى ئەينى زاماندا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى، ئالىكساندىر ئىمپېرىيىسى ۋە رىم ئىمپېرىيىسىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.750
- يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمەييە سۇلالىسى دېھقانلار قوزغىلىڭىدا ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى.762
- يىلى ئابباسىيلار پايتەختىنى باغدادقا كۆچۈردى، ئۇزاق ئۆتمەي پارچىلىنىش گىردابىغا چۈشۈپ قالدى.10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇمەييە خان جەمەتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىسپانىيىدە ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شىئە مەزھىپى (ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ بىرى) دىكى مۇسۇلمانلار شىمالىي ئافرىقىدا فاتىمىيە سۇلالىسىنى قۇردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھازىرقى تۇنىس، ئالجىرىيە، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر، سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ساردىن ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى ھەمدە973 - يىلى پايتەختىنى قاھىرەگە كۆچۈردى. فاتىمىيە سۇلالىسى ئەرەب ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈچ ئەرەب دۆلىتى ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى.
پارچىلانغاندىن كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئاجىزلىشىپ كەتتى.1105 - يىلى سەلجۇق تۈركلىرى باغدادنى ئىشغال قىلىۋالدى، خەلىپە دىنىي داھىي دېگەن نامىنىلا ساقلاپ قالالىدى، ئىمپېرىيىنىڭ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى.1258 - يىلى موڭغۇللار باغدادنى ئىشغال قىلىپ، خەلىپىنى بىكار قىلدى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ھالاك بولدى.
بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن بۈيۈك ئىمپېرىيىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئەڭ زور بولدى. غايەت زور ئەرەب ئىمپېرىيىسى قەدىمكى دۇنيانىڭ بىرقانچە مەدەنىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى چوڭ مەدەنىيەتلەرنىڭ مول مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەرەب مەدەنىيىتىنى پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتۈردى. ماتېماتىكا جەھەتتە، ئەرەبلەر ھىندىستاننىڭ10 خانىلىق رەقەملىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنى ياۋروپاغا تارقاتتى، بۇ رەقەم ھەتتا ھازىرمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئەرەب رەقىمى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يەنە مۇكەممەل ئالگېبرانى ئىجاد قىلدى. تېبابەتچىلىكتە ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن »تېبابەتچىلىك شاھى« دەپ نام ئالدى. ئۇ يازغان »تېبابەتچىلىك قانۇنى«17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ياۋروپادا نوپۇزلۇق ئەسەر ھېسابلانغان. ئەدەبىيات جەھەتتە ئەڭ مەشھۇر ئەسەر »مىڭ بىر كېچە« كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ گۈزەل، تەسىرلىك خەلق چۆچەكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئەرەبلەرنىڭ يەنە بىر كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى شۇكى، قەدىمكى دەۋردە جۇڭگو كەشىپ قىلغان قەغەز ياساش تېخنىكىسى، مەتبەئەچىلىك، كومپاس، مىلتىق دورىسى ۋە ئوت چاچارنى ياۋروپاغا تارقاتقان.
دۇنيا تارىخى
غەربنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخ كىتابلىرىدا <تارجىيىكلەر> دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر قۇرغان ئىسلام دىنىدىكى فېئوداللىق ھەربىي ئىمپېرىيە. ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى ئەبۇبەكرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە ھەمدە سىرتقا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى باشلىغان 100 نەچچە يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، زېمىنى ئەرەب يېرىم ئارىلى، سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرمېنىيە، مىسىر، شىمال ئافرىقاا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرۇلغان. ئۇمەييە خاندانلىقى دەۋرى (661 - 750) دە دەمەشق پايتەخت قىلىنغان؛ ئابباس خاندالىقى دەۋرى (750 - 1258) دە پايتەختى باغدادقا يۆتكەلگەن. ئابباس خاندانلىقىنىڭ خەلىپلىرىدىن مەنسۇر (754 - 775 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، ھارۇن (786 - 809- يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) مامۇن (813 - 833 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرلىرىدە ئىمپېرىيە گۈللەنگەن. پايتەخت باغداد دۇنيا سودىسى ۋە مال ئالماشتۇرۇش مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. مەملىكەت دائىرىسىدە مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، ئەدەببيات، سەنئەت ۋە ئىلىم - پەن تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، مەشھۇر ئالىملار ۋە ئىلىم - پەن ئەھلىلىرى مەيدانغا كەلگەن. Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ كۆپلىگەن كلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسى ئىشلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشن ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان. لېكىن فېئوداللىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتىسيىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سىنىپىي زىدىديەت كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، دېھقانلار قوزغىلىڭى ئۈزلۈكسىز پارتلىغان؛ فېئوداللىق بۆلۈنمە ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن، ئىسپانىيە، شىمالىي ئافرىقا، مىسىر، ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەزى مۇستەقىل ياكى يېرىم مۇستەقىل يەرلىك خانلىقلار بارلىققا كېلىپ، ئىمپېرىيە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئابباس خاندانلىقى خەلىپىلىرىنىڭ ھوقۇق - كۈچى ئاجىزلاشقان، خەلىپلەر خالىغانچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ۋە تىكلىنىپ، قۇرچاققا ئوخشاپ قالغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇئى خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى باغدادقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپىنى سىياسىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىي رەھبەرلىك ئورنىنىلا ساقلاپ قالغان. 1055-يىلى سالجۇق تۈركلىرى باغدادنى بېسىۋالغان. 1258-يىلى موڭغۇللار بېسىپ كىرىپ خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئەرەب ئىمپېرىيىسى مۇنقەرز بولغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ساراسىن ئىمپېرىيىسى>، <ئەرەب خەلىپىلىكى ئىمپېرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مىلادىيە Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۆتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى خەلىپە دۆلىتى (مەدىنە) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەرەبلەر يېرىم ئارالنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسماننىڭ بۇيرۇقى ۋە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سىرتقا كېڭەيدى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى سۈرىيە، پەلەستىن، مىسوپوتامىيە، پرسىيە، مىسىر، شىمالىي ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىرغىقى ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىچكىرىلەپ، كىرىپ، ئافغانىستاننى ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى ئىشغال قىلدى. زېمىنى ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەدىن ھالقىپ، فېئودال ئىمپېرىيە بولۇپ شەكىللەندى. ئىسلام دىنى ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى بولۇپ ھەمدە ئىشغال قىلىنغان جايلاردا تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇلدى. ئىمپېرىيىنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىمۇ مەدىنىدىن سۈرىيىدىكى دەمەشىق (ئۇمەييە سۇلالىسى) غا ۋە باغدات (ئابباسىيلار سۇلالىسى) غا يۆتكەلدى. Ⅸ ئەسىردە ئىمپېرىيىنىڭ فېئوداللىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندى. سىياسىي، ئىقتىساد ئىنتايىن تەرەققىي قىلدى. پەن مەدەنىيەتتىمۇ زور نەتجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئەنئەنىۋى پەنلىرى (مەسىلەن، ئىلمىي تەپسىر، ئىلمىي ئۇسۇل، ئىلمىي كالام قاتارلىقلار) ۋە راتسىئونال پەنلەر (مەسىلەن، پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىقلار) بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ ھەم مۇناسىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىمپېرىيىدىكى سىنىپىي، مىللىي ۋە دىنىي زىددىيەتلەر كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى، دېھقانلار ئۈزۈلمەي قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇردى، مەزھەپلەر توقۇنۇشى جىددىيلەشتى، ئىمپېرىيىنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى؛ ئىمپېرىيىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي ئاساسى بولمىغاچقا، فېئوداللىق بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى پەيدا بولدى. ئىسپانىيە Ⅷ ئەسىردە، شىمالىي ئافرىقا Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باغدات مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل خەلىپە دۆلەتلىرى (كېيىنكى ئۇمەييە سۇلالىسى ۋە فاتىمىيە سۇلالىسى) نى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپ تىركىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىلىرى ياكى يەرلىك كۈچلەر باغداتتىن ئايرىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك خانلىقلارنى قۇرۇپ، خەلىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى شەكىل جەھەتتە ئېتراپ قىلدى. 945 - ۋە 1055 - يىللىرى بۇۋەيھىيەلەر ۋە سالجۇق تۈركلىرى باغداتنى ئىشغال قىلىپ، بۇۋەيھىيەلەر سۇلالىسى ۋە سالجۇقلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ، ئابباسىيلار خەلىپىسىنى قورچاق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. خەلىپە ھەممە سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنىپ، سىمۋول خاراكتېرلىك دىنىي ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇردى. ئاتاقتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالدى. دەسلەپكى يىللاردا مەزھەپلەر (سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلار) نىڭ بۆلۈنۈشى تۈپەيلىدىن فىقھە، ئەقىدە قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىغان ئېقىملار شەكىللەندى. Ⅹ ئەسىردە ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي تۈزۈلمىسى ئاخىر شەكىللەندى. ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەر ئىمپېرىيە ئىچىدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردىكى بۆلۈنگەن كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە ئېتىقادى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەھلىسەلىب قوشۇنى شەرققە تاجاۋۇز قىلغاندا ئىمپېرىيە قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىلاجىسىز قالدى. زەنگىلەر سۇلالىسى ۋە ئەييۇبىيە قاتارلىق يەرلىك سۇلالىلەرنىڭ ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا قاتتىق قارشى تۇرۇشى ئىمپېرىيىنىڭ ئىچكى جايلىرىنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن ساقلاپ قالدى. ئەييۇبىيلار Ⅻ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى فاتىمىيە سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتتى ھەمدە ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ غەلىبە قازاندى. بۇنىڭ بىلەن ئىمپېرىيىدە قىسقا ۋاقتىلىق گۈللىنىش بولدى. 13 - ئەسىرنىڭ باشلىرى موڭغۇللارنىڭ غەربكە تاجاۋۇزى باشلاندى. موڭغۇل ئاتلىق قوشۇنلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىدا ئىمپېرىيە قوشۇنى يېڭىلىپ باردى. 1285 - يىلى موڭغۇللار باغداتنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئىمپېرىيە ھالاك بولدى.