UyghurMain Dictionary
ئەردەم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياخشىلىق، پەزىلەت، ئەخلاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئەدەپ - ئەخلاق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەردەم، ئەدەب - ئەخلاق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئەردەم باشى تىل _ ئەدەب - ئەردەمنىڭ بېشى تىل، چۈنكى چىرايلىق سۆزلەيدىغان كىشى ئابرۇي تاپىدۇ.
1 - 144
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەخلاق، پەزىلەت؛
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئېسىل پەزىلەت، قابىلىيەت؛ كۈچ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېزت. ئەدەپ - ئەخلاق، تەرتىپ - قائىدە، ئېسىل پەزىلەر.
- ئەي بېگىم، ئۇ ئۆلگۈسى كەلگەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى خاپا قىلدى، بىراق ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسىلە، ئۇ ئەردەم ساقلاپ شېھىت بولدى دېگەن نامغا ئىگە بولىدۇ - دە، ئۆزلىرى نامەرد دېگەن يامان نامغا قالىدىلا، - دەپتۇ قازى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
گۆھەر، مەرۋايىت، ئۈنچە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پەزىلەت؛ ماھارەت، ھۈنەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
پەزىلەت؛ ماھارەت، ھۈنەر؛ پەزىلەتلىك ۋە ئەدەب-ئەخلاقلىق كىشى.