UyghurMain Dictionary
ئەقەبە سۈلھىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەدىنە ئەرەبلىرى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھى. مىلادىيە 261 - يىلى ھەج پەسلىدە مەدىنىلىك 12 ئادەم (خەۋرەج قەبىلىسىدىن توققۇز ئادەم، ئوس قەبىلىسىدىن ئۈچ ئادەم) بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئەقەبەدە (مەككە بىلەن مىنا تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدا) ئۇچرىشىپ، مۇسۇلمانلارنى مەدىنىگە بېرىپ دەسلەپكى سۈلھى ھاسىل قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. مۇسئەب بىننى ئۆمەرنى ئاۋۋال بېرىپ ۋەھىينى يەتكۈزۈشكە ۋە ئىخلاسمەنلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ، مۇسۇلمانلار تارىخىدا <تۇنجى قېتىملىق ئەقەبە سۇلھىسى> دېيىلىدۇ. 622 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەدىنىلىك 75 ئادەم ئىككى قەبىلىدىكى ھەممە ئۇرۇقلارغا ۋەكىل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇرغان جايغا كېلىپ، كۆپ يىللاردىن ھەل بولماي كېلىۋاتقان قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلارنى مۇرەسسە قىلىدۇ. يېرىم كېچىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس بىلەن ئەقەبەدە يەنە بىر قېتىم مەخپىي كۆرۈشۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بويسۇنىدىغانلىقى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ. بۇ <ئىككىنچى قېتىملىق ئەقەبە سۈلھىسى> بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇ يىلى 9 - ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرىمۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ.