UyghurMain Dictionary
ئەقدە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چەكمەك، باغلىماق؛ تۈزمەك(شەرتنامىنى)؛ توي، نىكاھ؛ توختام؛ مەسئۇلىيەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
چىن كۆڭۈلدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پىكىر، ئىشەنچ.
رەيھان سادىقنىڭ ئۆز ئەقىدىسى يولىدا جان پىدا قىلىشتىن يانمايدىغان قەتئىي، تەلەپچان، يۈكسەك غايىلىك ئەر ئىكەنلىكىدىن كۆڭلى ئەمىن ئىدى.
بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۈرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى، ئېتىقاد.
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن. ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر.
رەيھان ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇددى دىنىي ئەقىدىنى يادلاۋاتقاندەك، سالماقلىق بىلەن جاۋاب بەردى