UyghurMain Dictionary
ئەپەندى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆرمەت ئاتالمىلىرى، كىشى ئىسمىنىڭ كەينىدىمۇ، ئالدىدىمۇ كېلىدۇ، يالغۇز ئۆز ئالدىغىمۇ كېلىدۇ.
ئەخمەت ئەپەندىملەر 1949 - يىل 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بېيجىڭغا كېتىۋېتىپ، ئايروپىلان ۋەقەسى بىلەن قازا تاپقان! جانابلار، دىققەت قىلىڭلار! ھەزرەتلىرى، يۇقىرى چىقسىلا. تەقسىر، كۆرۈنمەيدىلىغۇ. خوجام، قاچان كەلدىلە؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
گرېكچە
جاناب.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ ھۈرمەت مەنىسىنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ.
ئوقۇتقۇچى، مۇئەللىم.
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە بەش يىل ئەپەندى بولدۇق.
خوجا نەسىردىننىڭ سۈپىتى ياكى لەقىمى.
ئەپەندى لەتىپىلىرى.