UyghurMain Dictionary
ئەنئەنىچىلەر
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى فرانسىيە پادىشاھپەرەسلەر ئىچىدىكى بوربون خاندانلىقىنى تىرىدۈرۈشنى ھىمايە قىلغۇچى مەزھەپ. 1830-يىلى ئىيۇلدىكى ئىنقىلابتا بوربوننىڭ قايتا تىرىلگەن خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ پومېشچىك، ئاقسۆڭەكلەر ۋە يۇقىرى ەدرىجىلىك روھانىيلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋكىللىك قىلغۇچى سىياسىي كۈچلەر گۇرۇھ بولۇپ شەكىللىنىپ، ھەمىشە دېگۈدەك تىرىلىش دولقۇنىنى قوزغاپ چارلېس Ⅹ نىڭ نەۋرىسى گراف شاڭبۇر (ھېنرى Ⅴ دەپ ئاتىلىدۇ) نى يۆلەپ پادىشاھلىق تەختكە چىقىرىشقا ئۇرۇنغان. بۇ مەزھەپ 1848-يىلىدىكى ئىنقىلابتا ۋە ئىككىنچى ئىمپېرىيە گۇمران بولغاندىن كېيىن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما يامان ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا قۇربى يەتمىگەن. 1883-يىلى گراف شاڭبۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن پارچىلىنىپ تۈگىگەن