Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنۋەر خوجا
دۇنيا تارىخى
霍查
huò chá
(1908 - 1985). كىنو كاستتىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1930-يىلى فرانسىيىگە بېرىپ مونتېللېر داشۆسىدە ئوقۇغان، 1936-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان، كېيىن تىرانا ۋە كورچا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ھەمە شۇ جايلاردىكى كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1941-يىلى ئالبانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (1948-يىلى ئالبانىيە ئەمگەك پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) قۇرۇلغان چاغدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىر بولۇپ سايلانغان، فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان، مىللىي ئازادلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى (كېيىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندە زۇڭلى بولغان)، ئالبانىيە خەلق جۇھمۇرىيىتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوراللىق كۈچلەر باش قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1943-يىلدىن ئېتىبارەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى، بىرىنچى سېكرىتارى بولغان، كېيىن كېسەل بىلەن ئۆلگەن.