UyghurMain Dictionary
ئەن سىۋېي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1919 - 1988)خېبېي باۋدىڭلىق، خۇيزۇ. توققۇز يېشىدىن باشلاپ باۋدىڭ، شىنچېڭ، دىڭشەن، لەيشۈي، شىنلې ۋە بېيجىڭ، شېنياڭ قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە دىن ئوقۇدى. 1948 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، بېيجىڭ شىدەن شۇپەي خۇتۇڭ مەسچىتىدە ئاخۇن بولدى. كېيىن نيۇگەي مەسچىتى ۋە دۇڭسى مەسچىتىدە ئىمام بولدى. 1956 - يىلى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلاندى. 1958 - يىلى بېيجىڭ شەھىرى ئىسلامىيەت ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. 1979 - يىلىدىن باشلاپ، 1 -، 2 -، 3 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى بولدى. 1980 - يىلىدىن كېيىن، 4 -، 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى. ئەن سىۋېي ۋەتەننى، دىننى سۆيۈپ، مىللىي تەربىيە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى. 1986 - يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دارىلفۇنۇنىنى قۇرۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى. 1993 - يىلىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام دارىلفۇنۇنىنىڭ مۇدىرى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭدىكى دىنىي زاتلارنى مىللىي مائارىپقا ئىككى مىليون يۈەن ئىئانە قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى. 1988 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگونى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى ئاسىيا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە بيۇرۇسىنىڭ ھەيئىتى بولدى. ئاسىيا، ئافرىقىدىكى 20 نەچچە ئىسلام دۆلىتىنى زىيارەت قىلدى. شاڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى. نەچچە قېتىم مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. 1950 - يىلىدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دائىمىي ھەيئىتى ۋە شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى ۋە دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلاندى. 1978 - يىلىدىن باشلاپ 5 -، 6 -، 7 -، 8 -، 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئىتى ۋە دائىمىي ھەيئىتى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دىن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.