UyghurMain Dictionary
ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكا قانۇنى
دۇنيا تارىخى
برىتانىيە شىمالىي ئامېرىكا قانۇنى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. 1867-يىلى ئەنگلىيە كانادانىڭ دومىنىئونلۇق ئورنىغا ئىگە بولۇشىغا قوشۇلغان پەرمان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. كېيىن بۇ كۈن كانادانىڭ دۆلەت بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى تۆت ئۆلكە (ئونتارىئو كۋېبېك، يېڭى برونسۋىك ۋە يېڭى سىكوتىيە) نىڭ 36 نەپەر ۋەكىلى (كېيىن ئۇلار <قوشما شتاتنىڭ ئاتىسى> دەپ ئاتالغان)1864 - يىلى كۋېبېكتىكى شارلانتوندا 72 ماددىلىق كېلىشىمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 1866-يىلدىكى لوندون يىغىنى بۇ كېلىشىمنى تەكشۈرۈپ، مۇھاكىمە قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساستا بۇ قانۇن مەيدانغا كەلگەن. ئەنگلىيە ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە كانادادا پارتلىغان مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ قانۇننى ماقۇللاشقا مەجبۇر بولغان. كانادانىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇلۇپ، قوشما شتات قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتونومىيە ھوقۇقى تولۇق بولمىغان. 1914-يىلغا كەلگەندىلا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئىچكى ئىشلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1926-يىلى ئەنگلىيە كانادا دومنىئونى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ باراۋەر ئورنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كانادا تاشقى ئىشلار جەھەتتە مۇستەقىلىككە ئىگە بولغان.1931-يىلدىكى <ۋېستمىنىستېر قانۇنى> دومىنىئون بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورۇن باراۋەرلىكىنى، بىر - بىرىگە تەۋە بولمايدىغانلىقىنى، بىردىنبىر چەكلىمە بىر پادىشاھقا <سادىق بولۇش> ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بەلگىلىگەن. 1982-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنگلىيە كورۇلىۋاسى ئېلىزابىتا Ⅱ «كانادا ئاساسىي قانۇن لايىھىسى» گە ئىمزا قويغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كانادا قانۇن چىقىرىش جەھەتتە ئەنگلىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىك جاكارلىغان.