Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيە - ئىراق ئىتتىپاق شەتنامىسى
دۇنيا تارىخى
英伊同盟条约
yīng yī tóng méng tiáo yuē
ئىراق فايسال خاندانلىقى بىلەن ئەنگلىيە ئىمزالىغان ئىككى قېتىملىق ئىتتىپاق شەرتنامىسى. (1) 1922-يىلدىكى ئەنگلىيە - ئىراق ئىتتىپاق شەرتنامىسى. 1922-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىمزالانغان. جەمئىي 18 ماددا. كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 يىل. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئەنگلىيىنىڭ ماقۇللۇقىسىز ئىراق چەت ئەللىكلەرنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئىشلەتمەيدۇ؛ ئىراق مالىيە ۋە خەلقئارا ئىشلار جەھەتتە ئەنگلىيىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئەنگلىيە ئىراقنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرىشىگە ياردەملىشىدۇ ھەمدە ئىراقنى ھەربىي ياردەم بىلە ن تەمىنلەيدۇ؛ ئىراق زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىشكە ياكى ھەرقانداق چەت دۆلەتكە ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ شەرتنامە ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتىكى ماندانلىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. (2) 1930-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىمزالانغان. جەمئىي 11 ماددا (قوشۇمچە ھۈججەتمۇ بار)، كۈچكە ئىگە مۇددىتى 25 يىل. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئىككى دۆلەت يېقىن ئىتتىپاق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. تاشقى ئىشلار جەھەتتە تولۇق مەسلىھەتلىشىدۇ؛ ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى شەرت؛ ئىراق ئەنگلىيىنىڭ ئىراقتا ئىككى ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇشىغا ۋە ئۇ جايدا ئارمىيە تۇرغۇزۇشىغا قوشۇلىدۇ؛ ئەنگلىيە ئىراق ئارمىيىسىنى تەربىيىلەپ بېرىدۇ ۋە قوراللارندۇرىدۇ ۋە باشقىلار. بۇ شەرتنامە شەكىل جەھەتتە ئەنگلىيىنىڭ ئىراققا بولغان مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئىراقنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى ساقلاپ قېلىپ، ئىراقنى دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتە ئەنگلىيىگە بېقىندۇرۇپ قويغان.