Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەن دېڭفۇ
دۇنيا تارىخى
安鼎福
ān dǐng fú
(1712 - 1791) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن تارىخشۇناس. ئىسمى بەيشۈن، تەخەللۇسى شۈن پەن، شياڭ شۈەن، كيوڭگى - دو ۋىلايىتى گۇاڭجۇ ئايمىقىدىن. 1749-يىلى ۋەننىڭ ئوردىسىنىڭ مۇلازىمى، كېيىن ئەدلىيە ساقچى مەھكىمىسىنىڭ مۇپەتتىشى بولغان ھەمدە شەرقىي ئوردا (چىڭزۇ يىللىرىدا) دا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئەمەلى ئىلىم تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئالىم لىبىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان. تارىخشۇناسلىق جەھەتتە بىلىمى چوڭقۇر بولغان، كاتولىك دىنىغا نىسبەتەن تەتقىدىي كۆز قاراشتا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسەرلىرىدىن <شەرق تارىخى ئاساسلىرى>، <سۇلالىلەرنىڭ ئومۇمىي خاتىرىسى>، <مەنسەپ تۇتۇش ئالدىدىكى مۇھىم سىياسىي ئىشلار>، <مۇچۈەن تەزكىرىسى> قاتارلىقلار بار.