UyghurMain Dictionary
ئەن چاڭخاۋ
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1938) چاۋشىيەن مۇستەقىللىك ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. تەخەللۇس داۋشەن، پيوڭئان نامدو ۋىلايىتى كاڭشى ناھىيىسىدىن. 1897-يىلى مۇستەقىللىك جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1902-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغان. 1907-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ <يېڭى خەلق ئۇيۇشمىسى> نى تەشكىللەپ، ياپونغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان. 1910-يىلى يەنە ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان چاۋشيەن مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا ياپونغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكىنى قولا كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان. 1919-يىلى 1-مارت ھەرىكىتىدىن كېيىن، شاڭخەيگە بېرىپ كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1937-يىلى <سەپداشلار جەمئىيىتى> ۋەقەسى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىككىنچى يىل كېسەل سەۋەبى بىلەن كېپىلگە قويۇپ بېرىلىپ، دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغان.