UyghurMain Dictionary
ئەنبىيا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «پەيغەمبەرلەر» دېگەنلىك بولىدۇ.(1) «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاللادىن ۋەھىي كەلگەن ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام،لۇت ئەلەيھىسسالام، يەئقۇپ ئەلەيھىسسالام، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، قاتارلىق 20 نەچچە پەيغەمبەر ياكى رەسۇل كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (2) «قۇرئان كەرىم» دىكى 21 - سۈرە «ئەنبىيا» دەپ ئاتالغان. بۇ سۈرىدە يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرگە دائىر رىۋايەتلەر بايان قىلىنغان. «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشى ھەمدە شۇنداق قىلىشنى «ياخشى ئەمەل» دەپ بىلىشى لازىم. (3) ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە ئەسەرلەردە كۆزدە تۇتۇلغان تۆت دەرىجىدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر دەرىجىدىكىلىرىدۇر. «خاتىمۇل ئەنبىيا»غا قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
پەيغەمبەرلەر.
ئۇ پۈتۈن ئەۋلىيا، ئەنبىيالارنى شېپى كەلتۈرۈپ قەسەم ئىچىپ قوزغالماسقا ۋەدە بەردى.