UyghurMain Dictionary
ئەنبەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان خۇشبۇي قارا ماددا؛ خۇش پۇراق.
كۆچمە م: يارنىڭ قارا، خۇشبۇي چېچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر خىل خۇشپۇراقلىق ماددا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېيىك، بېلىق قاتارلىق ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنىدىغان خۇش پۇراق ماددا ۋە ئۇنىڭ پۇرىقى.
ئىپارنى ئوراپ قويسىمۇ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. زەپەر زەردىن ئېسىل. مىشىك مەردنىڭ قولىدا بولسۇن. ئەگەر ئەخمەق دېسە ئەنبەرنى گەندەدۇر، بولما ھەيران، ئەقلى ۋەيرانىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىت ئۈچىيىدىن ئاجرىتىۋېلىنىدىغان مومسىمان ئۆتكۈر خۇش پۇراقلىق ماددا، رەڭگى كۈل رەڭ ياكى قارا بولىدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ماتېرىياللار تەييارلىنىدۇ.
دىلرەبانىڭ قولى ھىجران ياقىسىنى قىلدى چاك، لالە - ئەنبەر ھىدىغا تولدى ھاۋا، تۇپراقۇخاك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
خۇشبۇي، يېقىملىق، خۇشپۇراق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەمبەر
بىر خىل خۇش پۇراق ئۆسۈملۈك