UyghurMain Dictionary
ئەمرۇ بىننى ئاس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مىسىرنىڭ ۋالىسى، مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىدىن. 629 - يىلىدىن 630 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ مەشھۇر سەركەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. 633 - ۋە 637 - يىللىرى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ بەسرەنى ۋە پەلەستىننى فەتھى قىلدى. 639 - يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلىپ، ئىسكەندەرىيە شەھىرىنى فەتھى قىلدى. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە ئابدۇللا بىننى ساردىنىڭ مىسىر ۋالىسى بولغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. 657 - يىلى سىففىن ئۇرۇشىدا مۇئاۋىيەنىڭ ھەزرىتى ئەلى بىلەن قارشىلىشىشىغا مەدەت بېرىپ، ھەزرىتى ئەلىنى ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. مۇئاۋىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 658 - يىلى قايتىدىن مىسىرغا بېرىپ ۋالى بولدى. 90 - ياشتىن ئاشقاندا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى.