UyghurMain Dictionary
ئەمما
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى باغلىغۇچى، قوشما جۈملىدە ئاددىي جۈملىلەرنى باغلايدۇ، بۇ باغلىغۇچىلار بىلەن كەلگەندە بۇ جۈملە ئالدىنقىسىغا قارشى كېلىدۇ ياكى باشقىچەرەك بولىدۇ.
ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما خەلق ياشايدۇ. بۆرە كۈل رەڭ تۈسكە كىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئاق كۆڭۈل بولالمايدۇ. نان كۆپەيدى، ئابروي كېمەيدى، بىراق يوقىچىلىق خارلىقتىن كۆرە ياخشىراق. جاندىن كېچىش ئاسان ۋە لېكىن جان دوستتىن كەچمەكلىك قىيىن. كۈچ - قۇۋەتتىن قالدىم، شۇنداق بولسىمۇ ئىشتىن توختىمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
ئەرەبچە
قارىمۇقارشى باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. مەنە جەھەتتىن <لېكىن>، <بىراق> سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش.
مەن كۆزلىرىدىن كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇچى بىر خىل نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە قارىدىميۇ، ئەمما ئىشقا بەلگىلەشكە تىلىم بارماي، ياغاچ چېلەكنى ئالدىم - دە، سىرتقا قاراپ ماڭدىم.