UyghurMain Dictionary
ئەمگەك ۋاستىلىرى
دۇنيا تارىخى
كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئوبيېكتىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشدىكى ھەممە ماددىي ئەشيا ۋە ماددىي شارائىتلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قورال - جابدۇقلىرى (ئەڭ مۇھىم ئامىل) ۋە ئەمگەك داۋامىدا ئەمگەك ئوبيېكتىدىن باشقا بارلىق زۆرۈر ماددىي شارائىت، مەسىلەن: ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك بىنا، يول، كۆۋرۈك، قانال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمگەك ۋاسىتىلىرى ئەھۋالى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئىشلەپچىقىرىش قورال - جابدۇقلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈپ بېرىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى تۈزۈلمىسى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىپ بارىدۇ، تۈرى كۈنسېرى كۆپىيىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سىياسىي ئىقتىساد
كىشىلەر ئەمگەك ئوبيېكتىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشتە پايدىلىنىدىغان بارلىق ماددىي ۋاستىلەرنىڭ مەجمۇئەسى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قورالى، يەر، ئۆي - ئىمارەت، يول، قانال، ئامبار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش قورالى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.