UyghurMain Dictionary
ئەمگەك پىسخولوگىيىسى
پسىخولوگىيە
ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك قۇراللىرىنى ئىگىلەش، ئەمگەك ماھارىتىنى شەكىللەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش جەريانىدىكى پىسخىكىلىق پائالىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ يەنە سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى، ئاممىۋى تېخنىكا يېڭىلاش تەتقىقاتى، شۇنىڭدەك كارخانا باشقۇرۇش ( بۇ ئادەم تاللاش، تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيلەش، مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىشتىكى خېيىم _ خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاش، ئەمگەك مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللەش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) جەھەتتىكى تەتقىقاتلار بىلەنمۇ باغلىنىشلىقى بار. يەنە قۇرۇلۇش پىسخولوگىيىسى، ئاۋىئاتسىيە پىسخولوگىيىسى، ئالەم پىسخولوگىيىسىمۇ بۇنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ.