Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەمەل يېرى
دۇنيا تارىخى
禄科田
lù kē tián
چاۋشىيەندىكى كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى يەر تۈزۈملىرىنىڭ بىرى. گۋزوڭ دەۋرىگە كەلگەندە <ترىلغۇ يەر - ئوتۇن ئورمانلىقى - مەرتىۋە> تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئامال بولمىغانلىقتىن، 1257-يىلى (گاۋزوڭنىڭ 44-يىلى) <يەر بېرىش نازارەتچىسى> نى تەسىس قىلىپ، مائاشىنىڭ ئورنىغا تېرىلغۇ يەرلەرنى بۆلۈپ بېرىشنى دەسسەتكەن، بۇ ئەمەل يېرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1271-يىلى (يۈەنزوڭنىڭ 12-يىلى) ئوردا ۋەزىرلىرى <يېقىندىن بۇيان ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇش قىلغانلىقتىن، ئامبارلار قۇرۇپ قېلىپ، ئەمەلدارلارغا مائاش بەرگىلى بولماي، جەڭگىۋارلىق روھىنى قوزغاتقىلى بولمىدى. شۇڭا پايتەختكە يېقىن سەككىز ناھىيىدە ئەمىلىگە قاراپ مائاش يېرى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىمىز> دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1278-يىلى (جوڭلېۋاڭنىڭ 4-يىلى) پايتەختكە يېقىن سەككىز ناھىيىنىڭ تۆھپىكار ئەمەلدارلىرىغا يەر ئىنئام قىلىپ مائاش يېرى قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. 1340-يىلى (جوڭخۇي خانىشنىڭ 1-يىلى) پايتەختكە يېقىن جايلاردا مائاش ھېسابىغا يەر ئىنئام قىلىش يولغا قويۇلغان. ئەمما يەرلىك ئاقسۆڭەكلەر ھەدەپ يەرلەرنى قوشۇۋالغانلىقتىن مائاش يېرىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويغىلى بولمىغان. 1390-يىل (گوڭداڭۋاڭنىڭ 2-يىلى) كونا <ھۆكۈمەت، خۇسۇسىيلار يەر تەۋەلىكى> ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىككىنچى يىلى <مەرتىۋە يەر قانۇنى> ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان.