UyghurMain Dictionary
ئەمەل ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<ئۈمىد ھەرىكىتى>، <مەھرۇم قىلىنغۇچىلار> ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لىۋاندىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، 1974 - يىلى قۇرۇلدى. بۇ مەزھەپ سىياسىي ھوقۇقىدىن قانۇنسىز يول بىلەن مەھرۇم قىلىندى، دەپ قاراپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلار بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەزالىرى بولدى. ئۇلار خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپقان قوراللىق كۈچكە ئىگە.