Chinese→UyghurMain Dictionary
野蛮时代
ئىستېتىكا
yě mán shí dài
ياۋايىلىق دەۋرىDتارىخ
yě mán shí dài
ياۋايىلىق دەۋرى، ۋارۋارلىق دەۋرى
دىن
yě mán shí dài
بەدەۋىلىك دەۋرى، ياۋايىلىق دەۋرى
دۇنيا تارىخى
ياۋايىلىق دەۋرى
ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ مورگان ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى باسقۇچلارغا ئايرىشتا ئىشلەتكەن ئاتالغۇ. نادانلىق دەۋرىدىن كېيىنكى، مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ ئالدىدىكى تارىخىي باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن قىلپ ئېيتقاندا، ساپال ئىشلەش تېخنىكىسى كەشىپ قىلىنغاندىن باشلىنىپ، يېزىقنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە قوللىنىلىشى بىلەن ئاياغلىشىدۇ. ئۇ يەنە تۆۋەن، ئوتتۇرا، يۇقىرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. تۆۋەن باسقۇچ ساپال ئىشلەش تېخنىكىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى مىسسورى دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسى. ئوتتۇرا باسقۇچ شەرقىي يېرىم شاردا مال بېقىش بىلەن باشلانغان، غەربىي يېرىم شاردا بولسا كوممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى سۇغىرىپ تېرىش، شۇنىڭدەك ئۆي - جاي سېلىشقا كېسەك ۋە تاش ئىشلىتىش بىلەن باشلانغان، بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى نىۋ مېكسىكا، مېكسىكا، پېرۇ ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق جايلاردىكى ئىدىئانلار. يۇقىرى باسقۇچ تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن باشلىنىپ، يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ باسقۇچقا تەۋە قەبىلە دەلىلى گومىر دەۋرىدىكى يۇنان قەبىلىسى، پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى رىم قەبىلىسى، كائېسار دەۋرىدىكى گېرمان قەبىلىسى، مورگان ياۋايىلىق دەۋرىدىكى تۆت خىل مۇۋەپپەقىيەت: ئۆي ھايۋانلارنى بېقىش، زىرائەت يېتىشتۈرۈش، تاش ماتېرىياللار بىلەن ئۆي سېلىش ۋە تۆمۈر تاۋلاشتىن ئىبارەت، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مورگان دەلىل كەلتۈرگەن قەبىلىلەرنىڭ بەزىلىرى مۇۋاپىق كەلمەي قالدى، مەسىلەن: مېكسىكىدىكى ئىندىئانلار (مايالار) تېخى مېتال قوراللار بولمىغان شارائىتتا سىنىپىي جەمئىيەتكە كىرىپ بولغان. ئېنگېلس <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> دا: <ياۋايىلىق دەۋرى> ئوقۇمىنى قوللانغان، لېكىن ئۇنى تولۇقلاپ ئىزاھلاپ، بۇ <چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى ئۆگىنىۋالغان دەۋر، ئىنساننىڭ پائالىيىتىگە تايىنىپ تەبىئەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان دەۋر> دەپ كۆرسەتكەنىدى (<ماركس - ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى>، 4 - توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 23 - بەت). بولۇپمۇ بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىنى، تاۋار ئالماشتۇرۇش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك، قۇللۇق تۈزۈم، سىنىپلارغا ئايرىلىش، پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى ئائىلە، ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى قاتارلىق مۇھىم مەزمونلارنى ياۋايىلىق دەۋرگە قوشقان، بۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىپ بېرىلگەن.