Chinese→UyghurMain Dictionary
叶脉
بىئولوگىيە
يوپۇرماق تومۇرى
يوپۇرماق ئالىقىنىدىكى تومۇر سىزىقى، يەنى يوپۇرماق گۆشىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاناللار باغلىمى سىستېمىسى. يوپۇرماق تومۇرى، سۇ ۋە نىئورگانىك تۇزلارنى يوپۇرماق سېپىدىن يوپۇرماق گۆشىگە، يوپۇرماق گۆشى ياسىغان ئورگانىك ماددىلارنى يوپۇرماق سېپىغا توشۇيدۇ. ئۇنىڭ يەنە يوپۇرماق ئالىقىنىنى تىرەپ تۇرۇش رولى بار. يوپۇرماق ئالىقىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەڭ توم بىر تال يوپۇرماق تومۇرى ئاساسىي تومۇر ياكى ئوتتۇرا تومۇر دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا تومۇردىن يان تومۇرلا، يان تومۇرلاردىن ئىنچىكە تومۇرچىلار تارماقلىنىپ چىقىدۇ. يوپۇرماق تومۇرىنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى تومۇر رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. (1) تورسىمان تومۇر. بۇ پەيسىمان تورسىمان تومۇر (مەسىلەن، چارتال) ۋە ئالىقانسىمان تومۇرسىمان تومۇر (مەسىلەن، كېۋەز) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىنچىكە تومۇرلىرى قاتمۇ قات تارماقلىشىپ ئۆزئارا تۇتىشىپ تور ھاسىل قىلىدۇ. بۇ قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىدا بولىدىغان ئالاھىدىلىك. يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن پىچەكگۈل، پىلپىل، كولكاز قاتارلىق ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەردە بۇخىل يوپۇرماق تومۇرى بولىدۇ. (2) پاراللېل تومۇر. يان تومۇر بىلەن ئوتتۇرا تومۇر يوپۇرماق ئاساسىدىن يوپۇرماق ئۇچىغىچە پاراللېل تىزىلىدۇ، ئىنچىكە تومۇرلار تور ھالىتىنى ھاسىل قىلمايدۇ. بۇ كۆپ ساندىكى يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر يوپۇرمىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بۇنىڭ ئىچىدە يەنە تۈز تومۇر (مەسىلەن، كۆممىقوناق)، يايسىمان تومۇر (مەسىلەن، خۇستا گۈلى)، يان تومۇر (مەسىلەن، بانان)، ئوق تومۇر (مەسىلەن، جۇڭگو پالمىسى) قاتارلىق تۈرلىرى بار. (3) ئاچىماقلانغان تومۇر. يوپۇرماق تومۇرى ئىككىگە ئاچىماقلىنىدۇ. مەسىلەن، كۈمۈش ئۆرۈك ۋە كۆپلىگەن پاپوروتنىكلار. يوپۇرما تومۇرىنىڭ تۈزۈلۈشىدە ياغاچلىق قىسىم ئۈستىدە ئەۋرىشىملىك قىسىم ئاستىدا بولىدۇ. چوڭ يوپۇرماق تومۇرىنىڭ ئاستى - ئۈستىدىن مېخانىكىلىق توقۇلما تىرەپ تۇرىدۇ. كىچىك تومۇرلاردا مېخانىكىلىق توقۇلما ئاز بولىدۇ. قاناللار باغلىمىنىڭ سىرتىدا نېپىز پوستلۇق توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن قاناللار باغلام غىلىپى بولىدۇ. ئىنچىكە تومۇرلار ئۇچىنىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ، ياغاچلىق قىسمىدا پەقەت كىچىك ھەم قىسقا قانال ھۈجەيرىسى، ئەۋرىشىملىك قىسمىدا كىچىك ھەم قىسقا غەلۋىر ھۈجەيرىسى ۋە ھەمراھ ھۈجەيرىلەر بولىدۇ.
ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق
yè mài
يوپۇرماق تومۇرىDئۇنىۋېرسال
yè mài
يوپۇرماق تومۇرلىرى
Dخىمىيە
yè mài
ۋېئىن