UyghurMain Dictionary
ئەل ئۇسۇلىيە بىلەن ئەخبارىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پارس (بۈگۈنكى ئىران) دىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئۇسۇلى ئەل فىقھ توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. Ⅹ ئەسىردە شىئە مەزھىپىنىڭ <كۇتۇبى ئەربەئە> سى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، فىقھە مەسىلىلىرىنى قۇئان، ھەدىسنى ئاساس قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلەپ، سۈننىي مەزھىپدىكى قىياس، ئىجمائ پرىنسىپىنى چەتكە قاقىدىغان ئەخبارىيە (شىئە مەزھىپىدىكى ئەھلى ھەدىسلەردىن) ئىزچىل ھۆكۈمران ئورۇندا تۇردى. سەفەۋىيە سۇلالىسىدىن كېيىن، مۇجتەھىد (شەرىئەت ئەھكامىنى تۈزگۈچى ئالىم) باشچىلىقىدىكى ئۆلىمالار تەبىقىسىنىڭ كۈچى كۈنسايىن زورايدى؛ قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۇسۇل ئەل فىقھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن باشقا، ئىدراك ۋە ئىجتىمائىي قوشۇمچە قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغان ئىلمىي ئۇسۇل فىقھ تەرەپدارلىرى شەكىللەندى؛ 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن ئەل ئۇسۇلىيە مۆجتەھىدلەرنىڭ ئىجتىھاد، ھۆكۈمىنىڭ رولىنى تەكىتلەپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس شېرىپتىكى ئىبارىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغان ئەخبارىيەگە قارشى تۇردى. قەجەر سۇلالىسىغا كەلگەندە (تەخمىنەن 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا) ئۇسۇلىيە تەدرىجىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. بۇلارنىڭ باشلىقى ۋەشىد بىھباھانى ئەل ئەخبارىيەنى <بىدئەتلەر> دەپ جاكارلىدى، ھەتتا ئۇلارنى قورال كۈچى بىلەن يوقاتماقچى بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىئە مەزھىپى ئىچىدە مۆجتەھىدلەرنىڭ رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى.