UyghurMain Dictionary
ئەلۈكلەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زاڭلىق قىلدى. مەسخىرە قىلدى.
ئول ئانى ئەلۈكلەدى _ ئۇ ئۇنى زاڭلىق قىلدى ( ئەلۈكلەر _ ئەلۈكلەمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تاڭۇت سۈسىن ئۈشىكلەدى
كىشى ئىشىن ئەلۈكلەدى
ئەرىن ئاتىن بەلىكلەدى
بۇلۇن بولىپ باشى تىغدى
{تاڭغۇت قوشۇنىنى ئۈششۈپ تۇرغاندا باستى،
ئۇلارنىڭ خوتۇن - قىزلىرىنى مەسخىرە قىلدى،
ئەرلىرىنى، ئاتلىرىنى غەنىمەت ئالدى،
(تاڭغۇتلار) ئەسىر بولۇپ، بېشىنى ئەگدى.}
چىنغا يېقىن بولغان تاڭغۇت ئېلىنىڭ قوشۇنى غەلىبە قىلالمىسۇن دەپ، قاتتىق سوغۇقتا، ئۇلارغا كېچىسى ھۇجۇم قىلىندى، ئۇلارنىڭ خوتۇن - قىزلىرى مەسخىرە قىلىندى، ئۇلار ئات ۋە ئەرلىرىنى بىزگە سوۋغا قىلدى، غەم - قايغۇغا پېتىپ، بېشىنى تۆۋەن سالدى.
1 - 4