UyghurMain Dictionary
ئەلى شەرىئەتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1933 - 1977) ئىراندىكى ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. ماشخادتىكى ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئالغان. كېيىن دارىلمۇئەللىمىنگە كىرگەن. مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدى. سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. 1960 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، فرانسىيىگە بېرىپ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە دىنشۇناسلىق ئوقۇدى. 1964 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلدى. 1965 - يىلى تېھراندا ھۈسەين ئىرشاد ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى ھازىرقى زامان ئىدىيىسى بىلەن تەتقىق قىلىشنى، ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1973 - يىلى پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى. 1975 - يىلى سۈرگۈن قىلىندى. 1977 - يىلى ياۋرۇپادا تۇرىدىغان رۇخسەتكە ئىگە بولدى. شۇ يىلى 6 - ئايدا ئەنگلىيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى ھازىرقى زامان پەلسەپىسى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىلىم بىلەن چۈشەندۈردى. سىياسىي جەھەتتە شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى سىياسىي غايىسىنى خەلقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ قورالى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەلى شەرىئەتى ئىراندىكى زىيالىيلارغا ۋە ياشلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ئىسلام ئىنقىلابى ئىدىيىسىنىڭ ئاتىسى دەپ ھۆرمەتلەندى. ئۇ <مۇسۇلمانلار ئۇممەسى ۋە ئىمام تۈزۈمى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.