UyghurMain Dictionary
ئەل مۇرجىئە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەزھەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مەدىنە، دەمەشىق قاتارلىق رايونلاردا پەيدا بولدى. بۇ مەزھەپ سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ۋە خاۋارىجلار بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۆت سىياسىي مەزھەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <مۇرجىئە> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <كېچىكتۈرگۈچى>، <ئارقىغا سوزغۇچى>، <كېيىن ھۆكۈم قىلىشقا قالدۇرغۇچى> دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەزھەپ ئەقىدە جەھەتتە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى گۇناھى كەبىرە سادىر قىلغانلار (جۈملىدىن ھوقۇق تۇتقانلار) مۇرتەدلىك گۇناھىنى سادىر قىلغانلىق بولامدۇ - يوق، دەپ تالاش - تارتىش قىلىنغان مەسىلىدە <ۋاقتىنچە ھۆكۈم چىقارماسلىق، ئاخىرەتتە ئاللانىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا قويۇش> تا چىڭ تۇرغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. يەنە بىر رىۋايەتتە بۇ ئىسىم <قۇرئان كەرىم> دىكى مۇنۇ ئايەتتىن ئېلىنغان: <يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللانىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللا يا ئۇلارنى (تۆۋە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ)> (9 - سۈرىنىڭ 106 - ئايىتى). ئەل مۇرجىئە مۇشۇ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىشتا پەيدا بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان. ئەينى چاغدا سۈننىي مەزھىپى بۇنداق كىشىلەرنى <ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان بەدىلەردۇر>، دەپ قارىغان؛ خاۋارىجلار ئۇلارنى <مۇرتەدلەر> دەپ ھۆكۈم قىلغان؛ مۇئتەزىلىلەر بولسا، <ئۇلار ئىمان كەلتۈرگۈچى ئەمەس، ئاتاقتىكى مۇسۇلمان>، <مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ> دەپ قارىغان؛ ھەسەن بەسرە (642 - 728) ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇلارنى <ساختا مۆمىن> دەپ ئاتىغان. بۇ تەشەببۇسلارنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ماھىيەتتە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى خەلىپە ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە يۈز بەرگەن قانلىق كۈرەشلەرنىڭ ئىنكاسى بولدى. ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان (577 - 287) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان يىللارنىڭ ئاخىرلىرى سىياسىي ساھەدىكىلەر، دىنىي ساھەدىكىلەر ھەزرىتى ئوسمان ۋە جايلاردىكى ۋالىلارنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا ھەر خىل باھالارنى بەردى، كۈرەش جىددى بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەزرىتى ئوسمان قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. مۇرجىئەلەرنىڭ <ئارقىغا سۈرۈش> تەشەببۇسى سىياسىي جەھەتتىكى مۇنۇ ئاساسىي پوزىتسىيىسىنى بەلگىلىدى: سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى خەلىپە (ئىمام) مەسىلىسى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىش، ھەزرىتى ئەلى (600 - 661) بىلەن مۇئاۋىيە (600 - 680) ئوتتۇرىسىدىكى ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە دائىر تالاش - تارتىش، خاۋارىجلار بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئوتتۇرىسىدىكى، مۇئاۋىيە بىلەن ئۇرۇشۇش ياكى يارىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۈرەش قاتارلىقلاردا بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئارىلاشماسلىق مەيدانىنى قوللىنىپ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلمىدى. ھەتتا كىشىلەرنى بۇنداق قانلىق توقۇنۇشلارغا كىرىپ قالماسلىققا چاقىردى. بۇ ھەقتە <ھازىرچە ھۆكۈم چىقارماي، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ قىيامەت كۈنى ھۆكۈم چىقىرىشىغا سۈرۈش> نى تەشەببۇس قىلدى.
بۇ مەزھەپنىڭ تەشكىلىي چېچىلاڭغۇ، كۈچى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي، دىنىي تەسىرى كەڭ بولۇپ، ھەر قايسى مەزھەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قولغا كەلتۈرىدىغان ئوبيېكتىپ بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئىدىيە تەلىماتى ھەم ئەقىدە، پەلسەپە مەسىلىلىرىگە، ھەم تۆت خەلىپىگە ۋە ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ دائىرىلىرىگە باھا بېرىشكە چېتىلدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تۆت خەلىپە مۇسۇلمانلارنىڭ تەبىئىي داھىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى تەلۋىلىك بىلەن ئەيىبلەشكە بولمايدۇ؛ ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى شەرىئەتنى يولغا قويۇشنى بىر مەھەل توختىتىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مۇسۇلمان، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا سادىق بولماسلىقنىڭ ئاساسى يوق. بۇ مەزھەپ تالاش - تارتىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا يان باسمىدى، ھېچقايسىسىنى ئەيىبلىمىدى. ئەرەب تارىخچىسى ئىبنى ئاساكىر (1105 - 1176) <دەمەشىق تارىخى> ناملىق كىتابىدا ئۇلارنى <ئارىسالدىلار> دەپ ئاتىدى. ھازىرقى زامان مىسىر ئالىمى ئەھمەد ئەمىن (؟ - 1954) نىڭ <ئىسلام دىنىنىڭ سۈبھ دەۋرىدىكى مەدەنىيەت تارىخى> ناملىق كىتابىدىمۇ ئۇلار <ماداراچىلار> دېيىلدى (بەزىلەر بۇ سۆزنى پۇرسەتپەرەسلەر دەپمۇ تەرجىمە قىلدى). ئۇلارنىڭ بۇنداق سىياسىي پوزىتسىيىسى ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە قوللاش رولىنى ئوينىدى. شۇڭا ئۇلارنى سۇلالە دائىرىلىرى يۆلىدى ۋە ماختىدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئابباسىيلار سۇلالىسى ئالغاندىن كېيىن، مۇرجىئەلەر بېسىمغا ۋە زەربىگە ئۇچراپ، كۈچى چېچىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. تەدرىجىي دنىي ئىلمىي ئېقىم بولۇپ ئۆزگىرىپ بۇرۇنقى سىياسىي تەشەببۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىنىي ئەقىدە، شەرىئەت ۋە پەلسەپە قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىق قىلىشتا بېرىلىپ كەتتى. ئاساسلىقى ئېتىقاد قىلىش بىلەن قارشى چىقىش، دىلدىكى ئېتىقاد بىلەن سىرتقى ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ بارىدىغان جايى ۋە قىيامەت سورىقى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى. Ⅷ ئەسىردىن كېيىن، ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تەرەپ <ئەنئەۋنىۋى ئەل مۇرجىئە>، يەنە بىر تەرەپ <بىدئەت ئەل مۇرجىئە> دېيىلدى. ئەرەب مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر ئەبۇ ھەنىفە (699 - 767) نى ئەنئەنىۋى ئەل مۇرجىئەنىڭ ۋەكىلى دەپ قارايدۇ.
بۇ مەزھەپ سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە خېلى كەڭ قورساق، مۆتىدىل بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۆلۈنۈشكە ۋە ئۇرۇشۇشقا قارشى تۇرىدۇ؛ ئەقىدە ئىدىيىدە ئېتىقاد كشىلەرنىڭ دىلىدىكى ئىمانى ئىكەنلىكىنى، دىنىي پەرز قاتارلىق سىرتقى ھەرىكەتلەر ئېتىقادنىڭ مۇھىم ئامىلى ئەمەس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خرىستىئان، يەھۇدىي دىنىي مۇخلىسلىرىنىڭمۇ ئاللاغا ئىشىنىدىغان ئۈممەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ <گۇناھى كەبىر سادىر قىلغان مۆمىن مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ> دېگەن قارشى ئەل مۇرجىئەنىڭ قارىشىغا ماس كەلگەنلىكتىن، مۇئتەزىلىلەر ئەل مۇرجىئە دەپ ئاتىلىدۇ.