UyghurMain Dictionary
ئەلكېزەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپ تۇتماي، بىر يەردە ماكان تۇتماي، ئۇ ياق _ بۇ ياققا بېرىپ - كېلىپ يۈرگۈچى.
«ئەلكېزەر» قەشقەر شېۋىسىدە، «بۇرالقى» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھەق بولمىغان ھايات ئاۋارە، سەرسان. ئادەمنى سەرسان قىلغان ئاللانىمۇ سەرسان قىلار. يار دەردىدە سەرگەردان.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
سەرگەردان، مۇساپىر، بۇرالقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەل + كېزەر
سۈپەت
يۇرتمۇ يۇرت، شەھەرمۇ شەھەر ئارىلاپ يۈرىدىغان.
ئەلكېزەر ئادەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يۇرتمۇ يۇرت كېزىپ يۈرىدىغان، مۇساپىر كىشى.