UyghurMain Dictionary
ئەلى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ خەلىپلىرىدىن تۆتىنچىسى ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى.
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادى 600 - 661)، ئىسلام خەلىپىسى (656 - 661)، شىئەلەر ئېتىقاد قىلىدىغان بىرىنچى ئەۋلاد ئىمام. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مۇرىتلىرىدىن بىر ۋە ئۇنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقۇچى، باتۇرلۇقى بىلەن مەشھۇر. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمىگە ئۆيلەنگەن. ئوسمان تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئەلى مەدىنىدە ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلىپىلىكنى تالاشقان. ئوسمان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئەلى خەلىپىلىككە سايلانغان. ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۈچلىرىگە زەربە بەرگەچكە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى ئائىشە باشچىلىقىدىكى قارشى گۇرۇھتىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىن 656-يىلى تۆگە غازىتىدا ئەلى قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى مەغلۇپ قىلپ، ئائىشەنى ئەسىر ئالغان. كېيىن سۈرىيە باش ۋالىيىسى مۇئاۋىيە قوشۇن تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 657-يىلى سىففىن جېڭىدە ئىككى تەرەپ مۇرەسسەلەشكەن، مۇرەسسەلىشىشكە قارشى تۇرغان بىر قىسىم كىشىلەر شىئە مەزھىپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ خاۋارىجلارنى تەشكىل قىلغان. 658-يىلى ئەلى قوشۇنىنى باشلاپ نەھراۋان (ھازىرقى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە) دە خاۋارىجلارنى مەغلۇپ قىلغان. 661-يىلى خاۋراىجلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئېلى
ئۈستۈن، ئالىي