UyghurMain Dictionary
ئەكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زىرائەت تېرىلغۇسى قىلماق.
تېرىغان خامان ئالار، تېرىمىغان ئارمان قىلار. بىر كۈن بۇرۇن ئەكسەڭ، بىر ھەپتە بۇرۇن ئورۇسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىردىن تەييارلىنىپ، تونۇردا، تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغان ئاساسىي يېمەكلىك.
چىش بولمىسىمۇ بار يېيىشكە ئىمكان، زور مۇسىبەتتۇر گەر بولمىسا نان. ھۇرۇننىڭ نېنى ئىككى بولماس. چاي بولمىسا بولمىسۇن، كاكچا كەم بولمىسۇن. ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى، ناننى بۇزۇپ كۆمەچ.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
تېرىماق، تىكمەك. مەسىلەن: ئارپا ئەككەن ئارپا ئالار، بۇغداي ئەككەن بۇغداي ئالر؛ بەرسەڭ ئالىسەن، ئەكسەڭ ئورۇسەن؛ بىرنى كەسسەڭ، ئوننى ئەك،
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چاچماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇرۇقنى يەرگە چاچماق؛ تېرىماق.