Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەكبەرخان قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
阿克巴尔汗起义
ā kè bā ěr hàn qǐ yì
بىرىنچى قېىملىق ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى مزگىلىدە ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلىڭى. رەھبىرى ئەكبەرخان (1816 - 1846). 1838-يىلى كۈزدە، ئەنگلىيە ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن. 1841-يىلى كۈزدە، ئەكبەرخان بامىياندا ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كابۇلغا يۈرۈش قىلغان، شۇ يىلى 11-ئايدا كابۇل قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە ھەربىي باشلىقلىققا سايلانغان. ئەكبەر خاننىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ زەربىسى ئاستىدا، ئەنگلىيە ئەسكەر چېكىنىدۈرۈش شەرتنامىسىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. 1842-يىلىنىڭ بېشىدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى كابۇلدىن چېكىنىپ چىققان.