UyghurMain Dictionary
ئەكبەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەكابىر. ئۇلۇغ، كاتتا؛ ئەڭ كاتتا.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چوڭ، ئۇلۇغ، ئەڭ چوڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە قايىل بولغان، سېغىنىدىغان ئەڭ كاتتا.
<ئەزىم>، <ئەكبەر> كىتابىي سۆزلەر.
ئۇلۇغ ئادەم بۈيۈك تاغقا ئوخشايدۇ. بىلىملىك ئوغۇل ئاتىسىدىن ئۇلۇغ. بۈيۈك ئادەم خاتالاشقاندىمۇ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1542 - 1605) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنڭ ھۆكۈمرانى (1556 - 1605). ھۇمايۈننىڭ ئوغلى. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە، كۆپ يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرگەن زېمىنىنى جەنۇبىي ھىندىستاندىن سىرت پۈتۈن ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلغان. قۇدا بولۇشۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، راجىپۇتلارنى تىنچلاندۇرغان. بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان؛ ئۆلكە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشىنى كۈچەيتكەن؛ يەر ئىجارىسى باج - سېلىق تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلغان؛ يەرلىك ھىندى دىنى فېئوداللىرىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ۋە دىنىي زىددىيەتنى پەسەيتكەن؛ تۇل قالغان ئايالنى ئۆلگەن ئېرى بىللە كۆمۈش، بالىلارنىڭ نىكاھلىنىشى، ئىلاھ ھۆكۈمى قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى بىكار قىلىپ، ھەرخىل دىن ئەقىدىلىرىنى يۇغۇرۇپ، بىر خىل <ئىلاھىي دىن> يارىتىپ، ھەر خىل دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى يوق قىلماقچى بولغان. بۇ تەدبىرلەر ئىمپېرىيىنىڭ بىرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا سىلجىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
ئۇلۇغ، بۈيۈك؛ ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەكپەر
ھەممىدىن چوڭ، چوڭ ئوغۇل