Chinese→UyghurMain Dictionary
叶迹
Domain: بىئولوگىيەيوپۇرماق ئىزى
ئۆسۈملۈكلەر تېنىدىكى غولىدىن يوپۇرماققا كىرگەن بىر بۆلەك قاناللار باغلىمى. يەنى غولنىڭ قاناللار باغلىمىدىن تارماقلىنىپ يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىغان بىر بۆلەك قاناللار باغلىمى. غولىدىكى قاناللار باغلىمىنىڭ ئادەتتە ياغاچلىق قىسىمى ئىچىدە، ئەۋرىشىملىك قىسمى سىرتىدا بولىدۇ. قاناللار باغلىى يوپۇرماققا كىرگەندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا ياغاچلىق قىسمى ئۈستىدە، ئەۋرىشىملىك قىسمى ئاستىغا بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. ھەربىر يوپۇرماق ئىزى بىرقانچىدىن بىرقانچە ئونغىچە بولىدۇ، بۇ ئۆسۈملۈك تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. يوپۇرماق تۆكۈلگەندىن كېيىن يوپۇرماق ئىزىدا كۆرۈلىدىغان قاناللاردىكى باغلاپ ئىزلىرى قاناللار باغلام ئىزى دەپ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماق ئىزى غولىنىڭ قاناللار باغلىمىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بىر بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ، بۇ بوشلۇق يوپۇرماق بوشلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
yè jì
يوپۇرماق ئىزىDئۇنىۋېرسال
yè jì
يوپۇرماق ئىزى
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.