UyghurMain Dictionary
ئەجەب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىزىق؛ تەئەججۈپ، ئاجايىپ - غارايىپ، ھەيرەتكە سالىدىغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەيرىي ھېس قىلىپ، قىزىقىش.
ئەجەب بىر بالىكەنلا، سەدەپ مۇنچاققا ئوخشايلا، كۆڭلۈمنى بېرەي دېسەم، بىۋاپاغا ئوخشايلا. ھەيران بولدۇم ئۆزۈڭگە، قېشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە، تەڭ تەپماستىن ئۆزۈمگە ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە. تەئەججۇپ غەيرىتىنى بوشاشتۇرىدۇ. ھاڭ - تاڭ قالغان ھالدىن كېتەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
ھەيران قالارلىق، قىزىق، غەلىتە.
ئەپەندىم ھەيران بولۇپ، خوتۇنىدىن: - خوتۇن، ئەجەب سەن ئۈچ ئايدىلا تۇغدۇڭغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى رولىدا كېلىپ، <ئىنتايىن، ناھايىتى، تازا، بەك، نېمىدېگەن> لەرگە ئوخشاش كۈچەيتىش، ئاشۇرۇش مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
يارنىڭ ئېتى رەيھانمۇ، چېچى سۇمبۇل بوستانمۇ؟ سۆزلىرى ئەجەب تاتلىق، ھەسەل - ناۋات قوشقانمۇ؟